رۇسىيىلىكلەر خىتاي كومپارتىيىسىگە باھا بەرمەكتە

"ئۇلۇق ئېرا" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا "ئۇلۇق ئېرا " گېزىتىنىڭ رۇس تىلىدىكى نۇسخىسى تەسىس قىلىنىپ، رەسمى تارقىتىلىشقا باشلىغان. بۇ گېزىتتە ئاساسلىقى خىتاينىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلار ھەم ئانالىز ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىدىكەن.

رۇسىيىدىكى "ئۇلۇق ئېرا" گېزىتى ئىدارىسى 2-ئايدا رۇسىيىنىڭ موسكۋا، سانكىتپېتېربۇرگ قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدىكى جامائەتچىلىك ئارىسىدا "جۇڭگو كوممۇنىستلىرىغا توققۇز باھا" ناملىق چاتما ماقالىنىڭ تارقىلىشى بىلەن رۇسىيە جەمىيىتىدە غۇل-غۇلىلارنىڭ پەيدا بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ كوممۇنىستلارنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە "مۇستەبىتلىكلىرىنى" كۆرسىتىدىغان مەخسۇس مۇنازىرە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

"ئۇلۇق ئېرا "گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ئىنسان ھوقۇقى پېنى ئۇچۇر مەركىزى" دەپ ئاتالغان بىر ئورگان بىلەن رۇسىيە ئۇلۇق ئېرا گېزىتى ئىدائىرىسى بىرلىشىپ، "خىتاي كومپارتىيىسىگە توققۇز باھا" ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. مەزكۇر مۇزاكىرە پائالىيىتىگە قاتناشقان رۇس زىيالىيلىرى ۋە ئالىملىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇستەبىتلىك ماھىيىتى ۋە خاراكتېرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكەن.

مەلۇمكى، خىتاي-سوۋېت مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلغان 60-يىللاردا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى "سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىگە توققۇز باھا" دەپ ئاتالغان تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىپ، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا تەنقىد پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇغان ئىدى. مانا ئەمدى 40 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، رۇسىيىلىكلەر خىتاي كومپارتىيىسىگە توققۇز باھا بېرمەكتە. (ئۈمىدۋار)