ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنېي، جۈمە كۈنى ئاۋستىرالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدە تىڭشىغۇچىلارغا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك ئەمەس، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
دىك چېنېي، ياپونىيە ۋە گۇام ئارىلىدا ئېلىپ بارغان سەپىرىدىن كېيىن ، پەيشەنبە كۈنى ئاۋستىرالىيىنى زىيارەت قىلىپ، جۈمە كۈنى سېدنىيدىكى ئاۋستىرالىيە - ئامېرىكا رەھبەرلىك سۆھبىتى، دەپ ئاتلىدىغان بىر خۇسۇسى ئورگاندا سۆز قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش پىلانى شۇنداقلا ئۆتكەن ئايدا ئېلىپ بارغان سۈنئىي ھەمراغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، ئۇنىڭ تىنچلىق بىلەن باش كۆتۈرۈش، دەيدىغان پرىنسىپىغا زىت، دەپ كۆرسەتتى.
چېنېي سۆزىدە خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن يادرو قوراللار كېلىشىمى ئىمزالىنىشتا ئوينىغان رولىنى ماختىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات سۈرئىتى ھەققىدە تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇردى. چېنېي ياپونىيىنى زىيارەت قىلغاندا ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېي بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ياپونىيە خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىدىن ئەڭ كۆپ ئەندىشە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دىك چېنېي سېدنېيدىكى يىغىندا "ئۆتكەن ئايدا ئېلىپ بېرىلغان سۈنئىي ھەمراھقا قارشى تۇرۇش سىنىقى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنى داۋاملىق تېزلىتىش پائالىيىتى ئىجابىي ھەرىكەت ئەمەس شۇنداقلا بۇ خىتاينىڭ تىنچلىق بىلەن باش كۆتۈرۈش پىلانىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ " دەپ تەكىتلىگەن.
ئۇ، خىتاينىڭ يەر شارىدا خەتەرلىك تېخنىكىلارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى چەكلەش سېپىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلدى. خىتاي، ئىران، شىمالىي كورىيە، پاكىستان، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىرغىنچىلىق خاراكتىرلىك قوراللار تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خىتاي دائىرىلىرى 11 - يانۋاردا ئېلىپ بارغان سۈنئىي ھەمراغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى پەن - تەتقىقات مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلدى، دەپ ئاقلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سىناق ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا. (ئەركىن)