گېرمانىيە باش مىنستىرى ئەنجىلا مېركەل، خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا بېرلىندە بەرگەن باياناتىدا، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيە باش مىنستىرى مېركەل، شەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، " بىز خىتاي بىلەن يېقىن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى قاتارلىق تالاش-تارتىشتىكى مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشىمىز تەبئىي" دېدى. ئۇ، باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، "خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولۇپمۇ سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى قانداق تەدبىر قوللۇنۇش مەسىلسىنى مۇزاكىرە قىلىمىز " دېدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە باش مىنستىرى 2006- يىلى خىتايغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. ئۇ، يەكشەنبە كۈنى، خىتاي ۋە ياپونىيىگە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىماقچى.
مەركىزى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، يېقىندا گېرمانىيە باش مىنستىرىغا بىر خەت ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)