گېرمانىيە باش مىنىستىرى Angela Merkel خانىم خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە نۇتۇق سۆزلىدى. مېركېل خانىم سۆزىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ :"پۈتۈن دۇنيا دىققەت نەزىرىنى جۇڭگوغا قاراتتى، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ پىكىر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى خەلقئارادىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى" دەپ كۆرسەتتى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش مىنىستىر مېركېل خانىم لى داتۇڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 نەپەر ئاخبارات خادىمى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقان. ئاخباراتچى لى داتوڭ " جۇڭگو ياشلار گېزىتى" نىڭ " مۇز نۇقتىسى" سەھىپىسىنىڭ تەھرىرى بولۇپ، ئۇنىڭ مەسئۇللىقىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە - ئوبزورلار ئىنتايىن چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى لى داتۇڭنى خىزمەتتىن توختاتقان . ھازىر لى داتۇڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ نەمۇنىلىك بىر ئوبرازىغا ئايلانغان.
لى داتۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېركېل خانىم، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان رەھبەرلەردىن بىرى ئىكەن. ئانگېلا مېركېل شەرقىي گېرمانىيىدە ئۆسكەن بولغاچقا ، غەربتىكى باشقا رەھبەرلەرگە قارىغاندا مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ماھايىتىنى مۇكەممەل چۈشىنىدىكەن. (ئەقىدە)