گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى خرىستىئانلار بىرلەشمىسى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى


2008.02.18

18- فېۋرال دۈشەنبە كۈنى، گوللاندىيىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىرلەشمە پارتىيىلەر ئىچىدىكى بىر پارتىيە، خىتايدىكى كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئىپادە قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاۋغۇستتا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى بايقۇت قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى خرىستىئانلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىلى جوئېل ۋۇردېۋىند ئۆزلىرىنىڭ، ھۆكۈمەتنى ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشقا قاتتىق قىستاۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ جەھەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، ھازىر خىتايدىكى كۈنسايىن ناچارلىشىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە خىتاينىڭ سۇداندىكى سىياسىتى تۈپەيلى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ھازىر ياۋروپادىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئامېرىكىدىكى لىبېرال پارتىيىلەر بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ھازىر خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سۇدان سىياسىتى تۈپەيلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلار مەيدانغا چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بەدىئىي مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان داڭلىق كىنو رېژىسسورى ستېۋىن سپىئەلبەرگ ئەپەندى، خىتاينىڭ سۇدانغا قاراتقان سىياسىتى سەۋەبلىك مەزكۇر ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، سەككىز نەپەر نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا مەكتۇپ يوللاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىتاينى سۇدان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.