چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى Google نىڭ خىتاينىڭ تەلىپىگە قوشۇلغانلىقىنى ئەيىبلىدى


2006.01.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت تورىنى ئىزدەش پونكىتى بولغان Google نى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ تور مۇلازىمەت مەزمۇنلىرىنى تەكشۈرۈش تەلىپىگە قوشۇلۇشىنىڭ، سۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن بىر قاباھەتلىك خەۋەر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتىدا، " Google نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىش قارارى، نومۇسسىزلىق. Google نېمىشقا ئامېرىكىدا تورغا چىققۇچىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغدايدىيۇ، خىتايدىكى تورغا چىققۇچىلارنىڭ ئىزدەش ھوقۇقىنى چەكلەيدۇ؟" دەيدۇ.

Google نىڭ ئىلگىرى خىتايغا كىرگۈزگەن ئىزدەش ئەسۋابلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقتىۋېتىلگەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم Google خىتاينىڭ بىر قىسىم تەلەپلىرىگە قوشۇلۇپ، خىتايدىكى مۇلازىمەت مەزمۇنلىرىنى تەكشۈرۈشكە ماقۇل بولغان.

بۇنداق بولغاندا، خىتايدىكى ئىنتېرنېتكە چىققۇچىلار " كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە تىبەت" دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى كىرگۈزگەندە، بۇ ئاۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور بەتلىرىدىكى بۇ سۆزلەر بار بەتلەرگە ئۇلىنىدىكەن. بۇنىڭغا ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ئەمما Google تەرەپ بولسا بۇ ھەقتە ئۆزىنى ئاخلاپ، خىتاي بازىرىغا كىرىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلماي ئامالسىز قالغانلىقىنى، خىتاي بازىرىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.