پاكىستاندا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا ياردەملىشىۋاتقان ئىككى خىتاي ئىنژېنېرى شەنبە كۈنى سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىندى. پاكىستان ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، خىتاي ئىنژېنېرلار ماشىنا بىلەن پاكىستان - ئافغانىستان چېگرىسىدىكى جەنۇبىي ۋازىرىستانغا كېتىۋاتقاندا قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ خىتاي ئىنژېنېرلارنى قۇتقۇزۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەقە يۈز بەرگەن جەنۇبىي ۋازىرىستان رايونىدا يەرلىك قەبىلىلەر ۋە چەتئەللىك "مۇجاھىدلار" بىلەن پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا پات - پات قاتتىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتاتتى.
گۆرۈگە ئېلىنغان ئىنژېنېرلار، خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سۇ ۋە ھىدرۇ ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ خادىملىرى بولۇپ، 203 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان گومال زام سۇ ئامبىرى ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتاتتى. خىتاينىڭ ئىسلامئابادتىكى ئەلچىخانىسى، 70 - 80 دەك خىتاينىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەلچىخانا باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى خىتاي ئىنژېنېرى بىلەن بىر پاكىستان ئامانلىق خادىمى بەش قوراللىق كىشى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان . ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تەشكىلات ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى. پاكىستان ئامانلىق دائىرىلىرى، ۋەقەگە جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى قەبىلىلەر ئارىلاشقان بولۇشى ئېھتىمال دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)