پاكىستان قەبىلە باشلىقلىرى مۇسۇلمان پىدائىلارنى خىتاي پۇقراسىنى قويۇپ بېرىشكە ئۈندىدى
2004.10.12
پاكىستاننىڭ چېگرا رايونىدىكى قەبىلە باشلىقلىرى سەيشەنبە كۈنى ئىككى خىتاي پۇقراسىنى گۆرەگە ئالغان مۇسۇلمان پىدائىلار تۇرۇشلۇق جايغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. مەلۇم بولىشىچە، گۆرەگە ئېلىنغان خىتاي پۇقرالىرى تېخى ھايات ئىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەچچە يۈزگە يېقىن ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ مۆتىۋەرلىرى بارۋاند كەنتىدە يىغىلىپ، پىدائىلار قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئابدۇللا مەخسۇت بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە ئۇنىڭغا خىتاي پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتتى.
پاكىستان ئۇچۇر مىنىستىرى شېيىخ رەشىد ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ غەلىبىلىك ئاياقلىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان مۇسۇلمان مىلىتانلىرى شەنبە كۈنى بۇ ئىككى خىتاي پۇقراسىنى پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن جەنۇبىي ۋازىرىستاندا گۆرەگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يەردىكى خىتاي پاكىستانغا ياردەملىشىپ ياساۋاتقان بىر سۇ توسمىسى قۇرۇلۇشىدا خىزمەت قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى گۆرەگە ئېلىنغان خىتاي پۇقرالىرىنى ساق-سالامەت قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە پاكىستان ھۆكۈمىتىگە ئېغىر بېسىم ئىشلەتمەكتە. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى خىتاي پۇقراسى تېخىچە قويۇپ بېرىلمىدى
- خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئىككى ئىنژېنېرى گۆرۈگە ئېلىندى
- پاكىستان بىلەن خىتاي سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتتى
- مۇشەررەپ غەرب دۆلەتلىرى ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دېدى
- پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرى ئەل قايدىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خادىمىنى ئۆلتۈردى
- شامىل باسايېف ، بېسلان پاجىئەسىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى