پاكىستان پىدائىلىرى گۆرۈگە ئالغان خىتاي پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى
2004.10.13
ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسىنى گۆرۈگە ئالغان پاكىستان مۇسۇلمان پىدائىلىرى چارشەنبە كۈنى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ بۇ ئىككى كىشىنى قويۇپ بېرىش تەلىۋىنى رەت قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىدائىلار رەھبىرى ئابدۇللا مەخسۇت قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە، مۇسۇلمان پىدائىلىرى، گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلار بىلەن بىرگە قورشاۋغا ئېلىنغان جايدىن ساق-سالامەت ئايرىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى، بولمىسا بۇ ئىككى كىشىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇللا مەخسۇت يەنە، "ئەگەر ھۆكۈمەت بىزنىڭ تەلىۋىمىزگە قوشۇلمىسا، بىزنىڭ پىدائىلىرىمىز ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەت بىزگە ھۇجۇم قىلىشنى ئويلايدىكەن، ئۇ چاغدا ئۇلار ئۆزلىرىنى ۋەيران قىلغان بولىدۇ" دېدى.
پاكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان جايىدىكى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئابدۇللا مەخسۇت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ مۇسۇلمان پىدائىلىرىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن پاكىستان ھۆكۈمىتى تېخى قورال كۈچى ئىشلىتىشنى قارار قىلمىدى.
بۇ ئارىدا، خىتاي ياشلار گېزىتىدە پاكىستان پرېزدېنتى پەرۋەز مۇشەررەفنىڭ بۇ ۋەقەگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقى، ھەمدە بۇ ئىشنىڭ بىر- ئىككى كۈن ئىچىدە ھەل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىندى. ئەمما خەۋەردە بۇ پەرەزنىڭ قايسى مەنبەدىن پايدىلانغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر نېمە دىيىلمىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستان قەبىلە باشلىقلىرى مۇسۇلمان پىدائىلارنى خىتاي پۇقراسىنى قويۇپ بېرىشكە ئۈندىدى
- گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى خىتاي پۇقراسى تېخىچە قويۇپ بېرىلمىدى
- خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئىككى ئىنژېنېرى گۆرۈگە ئېلىندى
- پاكىستان بىلەن خىتاي سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتتى
- مۇشەررەپ غەرب دۆلەتلىرى ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دېدى
- پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرى ئەل قايدىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خادىمىنى ئۆلتۈردى
- شامىل باسايېف ، بېسلان پاجىئەسىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى