خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئىسلامئاباد دائىرىلىرىنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىزگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي ئورگانلىرىنى ۋە خىتاي گرازدانلارنى قوغداش يولىدا ئەمىلى تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىنى ئەيىپلىگەن خىتاي باش مىنىستىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە زىچ ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان. پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى قوغداش يولىدا ئەمىلى ھەركەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پاكىستان پرېزدېنتى مۇشەررەف خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋغا ۋەقەنىڭ پىلانلىغۇچىلىرىنى جازالايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلغان.
پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرى جۈمە كۈنى خىتاي ئىنژېنىرلارنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى بولغان جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى مۇسۇلمان پىدائىيلار قوماندانى ئابدۇللا مەسۇدنى يوقۇتۇش ھەرىكىتى باشلىدى. پاكىستان ئۇچۇر مىنىستىرى شەيخ رەشىد، ئامانلىق كۈچلىرى ئابدۇللا مەسۇدنى ئادالەت سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىش يولىدىكى پۈتۈن ھازىرلىقلارنى پۈتتەردى دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىنىڭ خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋېتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي ئىنژېنىرلارنى گۆرۈگە ئېلىش ۋېلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى پاكىستانغا قاراپ يولغا چىققان. ئابدۇللا مەسئۇدنىڭ قول ئاستىدىكى مۇسۇلمان پىدائىيلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئىككى خىتاي ئىنژېنىرىنىڭ بىرى، پاكىستان قىسىملىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە پىدائىيلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. (ئەركىن)