پاكىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى پاكىستاندىكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن خىتاي ئىنژېنېرنىڭ جەسىتىنى شەنبە كۈنى خىتاينىڭ جىنەن شەھىرىگە ئېلىپ باردى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي سودا مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى چېن جيەننى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن پاكىستانغا ئەۋەتكەن. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شېرپو، پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرى گۆرۈدىكى خىتايلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق گۆرۈگە تۇتۇۋالغان ئۇنسۇرلار ئوق چىقارغاندىن كېيىن ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاڭ پىڭ ئىسىملىك خىتاي ئىنژېنېر مۇسۇلمان پىدائىيلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن. پاكىستان قىسىملىرى تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرىۋېلىنغان ۋاڭ ئېندى ئىسىملىك خىتاي ئىنژېنېرمۇ دۆلىتىگە قايتقان. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شېرپو، پاكىستاندا خىزمەت قىلىۋاتقان خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا پاكىستان قىسىملىرى جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ئافغانىستان چېگرىسىدىكى تاغلىق رايونلاردا تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىغان. (ئەركىن)