خىتاي دائىرىلىرى پاكىستاندىكى توسما قۇرۇلۇشنى ۋاقتىنچە توختاتتى


2004.10.18

پاكىستاندا بىر نەپەر خىتاي ئىنژېنېرىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى پاكسىتاننىڭ جەنۇبىي ۋازىسىتان قەبىلىلەر رايونىدا ھۆددىگە ئالغان توسما قۇرۇلىشىنى توختاتتى.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان دائىرىلىرى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا. پاكىستان ھۆكۈمىتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەل- قايدە بىلەن چېتىشلىقى بولغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ خىتاي قۇرۇلۇش خادىملىرىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

رويتىرىس ئاگېنتلىقىنى بىر نەپەر پاكىستان سۇ- ئېلېكتىر ئىشلىرى مىنىستىرلىكى خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، بۇ يەردە ئىشلەۋەتقان خىتاي ئىشچىلىرى ئىنتايىن چۆچۈپ كەتكەن. ئۇلار ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن خىزمەتنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىكەن. 100 دىن ئارتۇق خىتاي قۇرۇلۇش خادىملىرى بۇ توسما قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان ئىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىشلىرى كومىسارى تاڭ جىياشۈئەن پاكىستانغا يىتىپ كېلىپ، ئىسلامئاباد دائىرىلىرىنى پاكسىتاندا تۇرۇشلۇق خىتاي خادىملىرىنىڭ بىخەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاينىڭ ئىككى نەپەر ئىنژېنېرى 29 - سىنتەبىر كۈنى گۆرۈگە ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ بىرى 14 - ئۆكتەبىر كۈنىدىكى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۆلگەندىن كىيىن، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.