0:00 / 0:00
خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ گۇمال زام سۇم ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ئەندىشىلىرى سەۋەبىدىن توختاتتى . شۇ كۈنى خىتاي دۆلەت كومېسارى تاڭ جياشۈەن پاكىستانغا بارغان . خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ داۋېي گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋېتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ بىراق ، خىتاي ئىنژېنىرلارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا غۇل - غۇلا قىلىنماقتا . ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ، گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىنىڭ خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋېتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەقتىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاپ بەردى .