ئىراقتىكى قوراللىق كۈچلەر سەككىز نەپەر خىتاينى گۆرۈگە ئېلىۋالدى


2005.01.18

ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر سەككىز نەپەر خىتاينى گۆرۈگە ئېلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋىتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىد سالدى.

قاتاردىكى ئەل- جەزىرە تېلېۋىزىيىسىدە سەيشەنبە كۈنى قويۇلغان سىنئالغۇ لېنتىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە 48 سائەت ئىچىدە ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشنى بۇيرۇغان. بولمىسا، گۆرۈگە ئېلىنغان بۇ كىشىلەرنى ئۆلتۈرىۋىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىراقتا ئامېرىكا ئەسلىھەلىرىنى ياساشقا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىتايلارنى گۆرۈگە ئالغانلىقىنى ئېيتقان.

سىنئالغۇ لېنتىسىدە ئىككى قوراللىق كىشىنىڭ خىتاي پاسپورتىنى تۇتۇپ تۇرغان سەككىز نەپەرخىتاينىڭ يېنىدا تاپانچىسىنى تەڭلەپ تۇرغان كۆرىنىشلەر كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتلىرىمۇ سەيشەنبە سەككىز نەپەر پۇقراسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلىق خەۋىرىنى ئىسپاتلاپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىراقتا ئىشلەۋاتقان فۇجيەنلىك قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي دائىرىلىرى يەنە دىپلوماتلىرىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.