ئىراقتىكى گۆرۈگە ئالغۇچىلار خىتاي تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە شەرت قويدى

IRAQ_CHINA_HOSTAGE_31-200.jpg
فۇجەن ئۆلكىسىدىن بولغان سەككىز خىتاي ئىراقتا گۆرۈگە ئېلىنغان. AFP >>Chongaytip körüng

ئىراقتا 8 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان قوراللىق كۈچلەر، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن خىتاي پۇقرالىرىنى ئىراققا بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ بايانات ئېلان قىلسا، گۆرۈدىكى خىتايلارغا ئىنسانپەرۋەرلەرچە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى قاتاردىكى ئەل - جەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جوڭگو ھۆكۈمىتى جوڭگو پۇقرالىرىنى ئىراققا باسماسلىق توغرىسىدا ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى، دەپ تەكىتلىگەن شۇنداقلا گۆرۈدىكى خىتايلارنىڭ ئىراقتىن ئايرىلىش جەريانىدا گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى، گۆرۈدىكى خىتايلارغا ئىنسانپەرۋەرلەرچە مۇئامىلە قىلىش، ئىسلام دىنىنىڭ ئەپۇچانلىق روھى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىراق خەلقىغە بولغان دوستلۇقىنى چىقىش قىلىپ، گۆرۈدىكى خىتايلارنى تېزرەك قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىراقتىكى قوراللىق كۈچلەر، سەيشەنبە كۈنى 8 نەپەر خىتاينى گۆرۈگە ئېلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن خىتاي تۇتقۇنلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىراققا كەلگەنلىكىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىراقتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى شۇنداقلا ئىراقتىكى دىنىي ۋە سىياسى گۇرۇھلار ئارقىلىق گۆرۈگە ئالغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشماقتا. (ئەركىن)