جۈمە كۈنى نىگېرىيىنىڭ مول نېفىت مەنبەسىگە ئىگە جەنۇبى رايونىدىكى بىر تېلېفون شىركىتىنىڭ بەش خىتاي ئىشچىسى قوراللىق نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى سۇئاللىرىنى جاۋابلاندۇرغان نىگېرىيىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىمى ۋۇ، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ قىچىلغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "بىز ۋەقەدىن نىگېرىيە ھۆكۈمىتىنى خەۋەردار قىلدۇق ۋە ئىشچىلارنى تېپىش ئۈچۈن نىگېرىيە ھۆكۈمىتىدىن ياردەم سورايمىز"، دېدى.
ئۇ خىتاي ئىشچىلارنىڭ كىملىكى، قايسى تېلېفون شىركىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقى ۋە ۋەقەنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.
ھازىرغىچە ھېچقانداق شەخىس ياكى گۇرۇپپا بۇ يىلدىكى تۇنجى قېتىملىق گۆرۈگە ئېلىش ھەرىكىتى ھېسابلانغان بۇ ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمىدى.
قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان نىگېرىيە دىلتاسىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ناملىق بىر تەشكىلات ئۆتكەن يىلى 12- ئاي ئىتالىيىنىڭ ئاگىپ نېفىت شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۈچ ئىتالىيە ۋە بىر لىۋان پۇقراسىنى گۆرۈگە ئالغان. گۆرۈگە ئېلىنغان بۇ تۆت كىشى ھېلىمۇ مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. (قانات)