ئافغانىستاندىكى بىر تالىبان باياناتچىسى دۈشەنبە كۈنى، ھۆكۈمەت تالىبان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بەرمىگەنلىكتىن، رادىكال قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرىنىڭ يەنە بىر كورىيىلىك گۆرۈگە ئېلىنغۇچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەتبۇئاتلار تالىبان باياناتچىسى يۈسۈف ئەخمەدىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، سۇڭ شېن ئىسىملىك بىر كورىيىلىكنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 8 يېرىمدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. تالىبان باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، گۆرۈگە ئېلىنغۇچىنىڭ جەسىتى غەزنى ئۆلكىسىنىڭ قاراباغ رايونىدا ئىكەن.
تالىبان باياناتچىسى يۈسۈف يەنە، ئەگەر ئافغان ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ تەلىپىگە مۇشۇنداق سەل قاراۋەرسە، تالىبانلار تېخىمۇ كۆپ كورىيىلىكنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان، بىراق ئۇلار تەلىپىنىڭ ئورۇنلىنىش مۆھلىتى ھەققىدە ئېنىق ۋاقىت بېكىتمىگەن.
غەزنى ئۆلكىسىنىڭ ساقچى باشلىقى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ، جەسەتنى تېپىش ئۈچۈن، قاراباغدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىدا ئەرەب يېرىم ئارىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا، تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان 21 كورىيىلىكنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەنلىكى ھەققىدە سۆز تارالغان بولۇپ، كۆرۈنۈشتە نەچچە ئايالنىڭ باشلىرىغا ياغلىق سېلىپ، تېنچ ئولتۇرغان، گۆرۈگە ئالغۇچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ كەينىدە تۇرغان ھالەتلىرى كۆرسىتىلگەن ئىكەن. (ئەقىدە)