گرېتسىيىدىكى ئوت ئاپىتىدە 50 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى


2007.08.26

جۈمە كۈنىدىن ئېتىبارەن يەكشەنبە كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا گرېتسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى 170 تىن ئارتۇق يېزىلاردا دەھشەتلىك ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 50 تىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئوت ئاپىتى ئىچىدە قالغان قەدىمىي ئولىمپىيا يېزىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە پۇقرالىرى سىرتتىن قۇتقۇزۇش ياردەملىرى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جاينىڭ ئوت ئاپىتى تۈپەيلىدىن سىرت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن سۇ يوق ئەھۋال شەكىللەنگەن.

ب ب ك ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گرېتسىيىدە كۆرۈلگەن مەزكۇر ئوت ئاپىتى تۈپەيلىدىن، پۈتۈن گرېتسىيە جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش كۈچى بۇنىڭغا يەتمىگەن. ھەتتا ھەربىي قىسىملار، پۇقرالارمۇ ئوت ئۆچۈرۈش كۈرىشىگە قاتناشقان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىتالىيە، سىپرۇس قاتارلىقلارنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانلىرى ۋە خادىملىرىنى ياردەمگە ئەۋەتكەن.

بىر قىسىم گرېتسىيە دائىرىلىرى بۇ ئوت ئاپىتىنىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغانلىقى، يەنە بەزىلىرى بولسا بۇنىڭ ھاۋانىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىسسىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئەكسەرتمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.