ئىككى ھەپتىلەردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان گرۇزىيىدىكى ئۆكتىچىلىك نامايىشلىرى ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە گرۇزىيە پرېزىدېنتى مىخائىل ساكاشىۋېلى ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ھەمدە كېلەر يىلى 5-يانۋاردا يېڭى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ساكاشىۋېلى شەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ھەمدە ۋاقىتلىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى پارلامېنت باشلىقى نىنا بۇرجانادزﯤ بېجىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق، بۇرجانادزېنىڭ پارلامېنتنى تارقىتىش ۋە ياكى ھۆكۈمەت تەسىس قىلىش ھوقۇقى بولمايدىكەن. رۇسىيىنىڭ ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى گرۇزىيە پارلامېنتى ساكاشۋېلىنىڭ ئىستىپاسىنى رەسمىي قوبۇل قىلدى.
ساكاشىۋېلى ئۆزىنىڭ 5-يانۋار كۈنى سايلامغا چۈشۈپ، ئەڭ دېموكراتىك ۋە قانۇنىي يول بىلەن ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ساكاشىۋېلى 7-نويابىر كۈنى تىبلىستا يۈز بەرگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىنى تىنجىتقاندىن كېيىن ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ، 16- نويابىر كۈنى بىكار قىلغان ئىدى.
ساكاشىۋېلى گرۇزىيىدىكى رەڭلىك ئىنقىلاب نەتىجىسىدە سابىق پرېزىدېنت شىۋېرنادزېنىڭ ئورنىغا چىققان بولۇپ، ئۇ رۇسىيىگە قارشى، ئەمما غەربپەرەس سىياسەت يۈرگۈزگەن ئىدى. نەتىجىدە رۇسىيە گرۇزىيىنىڭ ئۈزۈم ھاراقلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن ھەمدە رۇسىيىدىكى گرۇزىنلارنى قوغلاپ چىقارغان بولۇپ، بۇ گرۇزىيە ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر گرۇزىيىدىكى ساكاشىۋېلىغا قارشى ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىدە رۇسىيىنىڭ قولى بارلىقىنى يېزىشماقتا. (ئۈمىدۋار)