گرۇزىيىدە پرېزىدېنت سايلىمى بولدى

شەنبە كۈنى گرۇزىيىدە پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى. يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى سايلام نەتىجىسىدە پرېزىدېنت ساكاشىۋەلىنىڭ %53 تىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم بولغان. ئۇنىڭ قايتىدىن گرۇزىيە پرېزىدېنتى بولۇپ، بۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلمەكتە.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىراق، بۇ سايلام نەتىجىسى ئۆكتىچىلەرنى رازى قىلالمىغان بولۇپ، ئۆكتىچى نامزات لېۋان گاچېچىلادزﯤ %25 ئاۋازغا ئېرىشكەن. ئۇ، سايلامنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئەمما، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ سايلامنىڭ دېموكراتىك ۋەدىلەرگە ھەمدە خەلقئارالىق سايلام ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. گرۇزىيە سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسىمۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ تەنقىدلىرىنى ئىنكار قىلىپ، سايلامنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەم ئۆلچەملەرگە لايىق،ئادىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ قېتىمقى سايلام گرۇزىيىدە دېموكراتىك ئىنقىلاب يۈز بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان پرېزىدېنت شىۋېرنادزﯤ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، ئەسلى بەلگىلىگەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان. مىخائىل ساكاشىۋېلى پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، دېموكراتىيىنى تەرغىپ قىلىپ، غەرب بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە رۇسىيىنىڭ تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىش سىياسىتى ئېلىپ بارغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)