ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار
2006.04.18
ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى گۇانتانامودىكى ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىملارنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر تېمىسىغا ئايلىنىپ، " ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە شىنجاڭدا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇش پىشىدا يۈرگەن كىشىلەر" دەپ تۇنۇشتۇرۇلدى.
" ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى"دۈشەنبە كۈنكى سانىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە، ئابابەكرى قاسىملارنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغانلىقىنى "ئالىي سوت جۇڭگولۇق تۇتقۇنلارنىڭ دىلوسىنى ئاڭلاپ بېقىشنى خالىمىدى " دەپ ماۋزۇ قويغان. " ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى،" ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىملارنىڭ تېررورچىلىق بىلەن ئالاقىسىز ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، لېكىن 4 يىلدىن بېرى گۇانتانامودىكى ئامېرىكا تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇش ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ كاپالەت بەرگەنلىكىگە قارىماي، مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بەرمىگەنلىكىنى يازدى.
مەزكۇر گېزىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئابابەكرى قاسىملارنىڭ ئادۋۇكاتى سەيبىن ۋىللېت " بىز ئالىي سوتنىڭ ئۇلارنى تىڭشاپ باقمىغانلىقىدىن ھەيران قالمايمىز " دەپ تەكىتلىگەن. سەيبىن ۋىللىت، ئوتتۇرا سوت ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئالىي سوتنىڭ دىلونى كۆرۈپ چىقىشنى قوبۇل قىلىشى پەۋقۇلئاددە ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە " دەيدۇ. " بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتى" سەيشەنبە كۈنى خەۋىرىدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى يازدى. " بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلار بېيجىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئۇزۇن مەزگىللەردىن بېرى تىركىشپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر مىللەت. خەۋەردە، "بۇش ھۆكۈمىتى گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى بېيجىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە، ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ياكى ئۆلتۈرۈلۈشىدىن ئەندىشىە قىلماقتا ئىدى" دەيدۇ.
ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دىلونى كۆرۈپ چىقىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كېلەر ئاينىڭ 8 - كۈنى ۋاشىنگتون رايونىدىكى بىر فېدىرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ ئەرزنامىسى بويىچە سوت ئاچىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گېرمانىيە ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە
- قازاندا گۇانتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن تاتار ياشلىرى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى گۇانتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى
- ئادۋۇكاتلار ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكا زېمىنىغا قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- گۈانتانامودىكى ئۇيغۇرلار يوللىغان ئەرزنى رەت قىلىۋېتىش تەلەپ قىلىندى