ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى گۇەنتانامو ھەربىي سوتىنى "قانۇنسىز" دەپ ھۆكۈم چىقاردى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6 ‏- ئاينىڭ 29 ‏- كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۇەنتانامو دىكى دېڭىز ئارمىيە ھەربىي لاگىرىدا تەسىس قىلىنغان تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش ھەربىي سوتىنى "قانۇنسىز" دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ھۈكۈمنامىدە "گۇەنتانامو ھەربىي سوتىنىڭ رەسمىيەتلىرى ۋېنا ئەھدىنامىسىنىڭ ئۇرۇشتا ئەسىر ئېلىنغانلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلە جەھەتتىكى بەلگىلىمىرىگە خىلاپ" دېيىلگەن. شۇنداقلا يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنىڭ بۇنداق ھەربىي سوتنى تەسىس قىلغانلىقىنى "ئۆزىنىڭ ھوقۇقى دائىرىسىدىن چەتنىگەنلىك" دېيىلگەن. ئاق ساراي ھازىر بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئاق ساراينىڭ پىشىقەدەم خادىمى "بۇ جەھەتتىكى بەلگىلىمىلەر مۇرەككەپ، قانۇن مەسلىھەتچىلىرى بۇنى كۆزىتىۋاتىدۇ" دەپ چۈشەندۈرگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بولسا، ئۆزى بۇ ئىشنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەسلىھەتىگە قويماي، بەلكى 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە پرېزىدېنتقا "زۆرۈر تېپىلغاندا ھەر قانداق جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشقا بولىدۇ" دەپ بېرىلگەن پەۋقۇلئاددە ھوقۇققا ئاساسەن ئىش كۆرگەنلىكىنى بايان قىلماقتا. (ۋەلى)