ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون رايونىدىكى بىر فەدەرال سوت مەھكىمىسى سەيشەنبە كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ، بۇندىن كېيىن گۇەنتانامودىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان چەتئەللىك تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكا خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش ھوقوقى يوقلىغىنى ئېلان قىلدى ۋە چەتئەللىك تۇتقۇنلارنىڭ مەسىلىسى بۇندىن كېيىن گۇەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنى سوتلاش ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەربىي سوت كوللىگىيىسىدە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە گۇەنتانامودا 300 دىن ئارتۇق تۇتقۇن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 17 نەپەر ئۇيغۇر بار. ئەسلىدە بۇ يەردە 22 نەپەر ئۇيغۇر بار ئىدى. لېكىن بۇندىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەشىنى ئامېرىكا ئالبانىيەگە يولغا سالغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھۆكۈمىدىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى "دۆشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئېلان قىلغان گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكا خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش يولى پۈتۈنلەي تاقالغان بولۇشى مۇمكىن. (مېھرىبان)