كانادا ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا سىياسى پاناھلىق بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان


2007.08.16

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمى ھۆججەتلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، كانادا ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش ھەققىدىكى بىر قانچە قېتىملىق تەلىپىنى رەت قىلغان. كانادانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتىر ماككېيغا بۇ يىل 2 - ئايدا يوللانغان بىر ھۆججەتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا كانادادىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا بىر تەرەپتىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىدا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرسا جازالىنىشىدىن ئەنسىرەپ، 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتلەر خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن قورقۇپ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتماقتا. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ يىل 5 - ئايدىكى بىر يىغىن خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە،" كانادا ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كانادا كۆچمەنلەر قانۇنى بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشقا يول قويمايدۇ،" دەپ جاۋاب بەرگەن. ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى - بەش بۇرجەكلىك بىنا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكا 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرى كانادا لىبېراللار ھۆكۈمىتى دەۋرىدە 3 قېتىم ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭدىن نەتىجە ئالالمىغان.

2006 - يىلى، 5-ئايدا ئالبانىيە 5 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدىكى بىيۇكراتلار ، سىياسەتچىلەر ۋە باش مىنىستىر ستىپان خارپېرنىڭ ئىشخانىسى بىلەن يەنە بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ھۆججىتىگە قارىغاندا كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىشنى بىلەلمەي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە مەسىلىنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىك ياكى كۆپ تەرەپلىمىلىك تەسىرىنى ئويلىشىپ كۆرۈشنى ھاۋالە قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.