كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كانادادىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىشنى ئۆتۈندى


2007.08.17

مەركىزى نيۇيوركتىكى دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئورگانلاردىن بىرى بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، كانادا ھۆكۈمىتىدىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى لاگىرنى تاقىۋېتىشىغا ياردەمدە بولۇشنى ئۆتۈندى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كانادا شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جېننېفېر ئېگسدارد، جۈمە كۈنى كانادا "يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى" دە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ گۈەنتانامو ئارىلىدا ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى بۇزىدىغان دۇنياۋى سەتچىلىك،" دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇ يەنە خېتىدە" كانادا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئەمەس، دەپ قارالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرغا پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كانادا ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامونى تاقىۋېتىش يولى تېپىشىغا ھەمدەمدە بولۇشى كېرەك" دەپ يازدى. جېننېفېر ئېگسدارد، " بۇ تۇتقۇنلار خىتايغا قايتۇرۇلسا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرلار خىتايدا باستۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردۇر،" دەيدۇ.

كانادا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا ياردەمچى بولۇش تەكلىپىدە بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن جېننېفېر ئېگسدارد، "ئەگەر كانادا بۇ كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرسا، ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشىنىڭ قورقۇنچلۇق خاتالىقتىن توغرا يولنى تېپىۋېلىشىغا ھەمدەمچى بولۇشتا ئىنسانپەرۋەرلەرچە قەدەم تاشلىغان بولىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاشكارىلىشىچە، كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇچۇر ئەركىنلىك قانۇنىغا ئاساسەن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن ئامېرىكا بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سۆھبەتكە ئالاقىدار بەزى ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.