ئامېرىكىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى گۇەنتانامو دىلوسىدىكى تالاش - تارتىشنى ئاڭلىدى
2007.12.06
ئامېرىكىنىڭ فېدېرال ئالىي سوت مەھكىمىسى 5 - دېكابىر كۈنى بوش ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بازىسىدىكى تۈرمىگە سولانغان تېررور گۇماندارلىرى ھەققىدە ئىككى تەرەپنىڭ تالاش - تارتىشلىرىنى ئاڭلاپ چىقتى.
ئامېرىكا فېدېرال ئالىي سوتىنىڭ تەپتىشى كېلىمېنت ئەپەندى بوش ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى شەرھىلەپ، چەت ئەللەردە تۇتۇلغان ۋە قامالغان چەت ئەل تېررور گۇماندارلىرىنى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنلىرىغا ئاساسەن خەلق سوت مەھكىمىلىرىدە سوتلاشنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوق دېدى.
كلىنتون دەۋرىدىكى ئامېرىكا فېدېرال ئالىي سوتىنىڭ تەپتىشى ۋېگىسمەن ئەپەندى بولسا سولاقتىكىلەرنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپ، ئۇ " ئۇلار سولانغىلى 6 يىل بولدى، ئەمما فېدېرال سوتنىڭ ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن سولىغانلىقى ھەققىدە تۈزۈكرەك بىرەر ئىزاھات ئاڭلاپ باقمىدى " دېدى.
فېدېرال ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىلگىرى ئىككى قېتىم بۇ ھەقتىكى تالاش - تارتىشلارغا ئالاقىدار بوش ھۆكۈمىتىگە پايدىسىز قارار چىقارغان بولۇپ، 2004 - يىلى سولاقتىكىلەرنىڭ، ھۆكۈمەتتىن ئۆزلىرىنى نېمە ئۈچۈن قامىغانلىقى توغرىسىدا سوراش ھەققى بار دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىدى. 2006 - يىلى فېدېرال ئالىي سوتنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئامېرىكا پارلامېنتى ھەربىي سوت كومىتېتى تەشكىللەپ گۇئانتاناموغا سولانغانلارغا دۈشمەن جەڭچىسى دەپ مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشنى قارار قىلغان ئىدى.
مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، ئالىي سوت 2008 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاخىرقى ھۆكۈمىنى چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ تەقدىرى چەت ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايىتى دائىرىلىرى بىر ئۇيغۇرغا 'چەتئەللىكلەرگە ياردەملەشتى' دەپ جازا ھۆكۈم قىلدى
- سابىق گۈەنتانامو تۇتقۇنى ئادىل ئابدۇلھېكىم شۋېتسىيىدىن رەسمىي سىياسىي پاناھلىق تىلىدى
- ئالبانىيىدىكى بەش ئۇيغۇرنىڭ بىرى - ئادىل ھاكىم شىۋېتسىيىگە كېلىپ قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
- ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بارغانچە ئۈمىدسىزلىك قاينىمىغا پېتىپ بارماقتا
- ھۆسەيىن جېلىل قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدى
- يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتى گۇئەنتانومو ھەربىي لاگىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى
- خىتاينىڭ دېموكراتىك پائالىيەتچىسى ياڭ جىيەنلى ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى
- سابىق گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرى 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كانادادىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىشنى ئۆتۈندى
- كانادا ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا سىياسى پاناھلىق بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان