ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج W بۇش چارشەنبە كۈنى ئاۋىستىرىيىنىڭ پايتەختى ۋېنادا، گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 22 - ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇش، گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى، پەقەت مەھبۇسلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرىنىڭ "رەھىمسىز قاتىللار " دەپ قارىلىپ، ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇش گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى سودا، يەر شارى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسى، ھاۋا كېلىماتىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئىراق ۋەزىيىتى ھەمدە ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى قاتارلىق مەسىللەر بويىچە مۇزاكىرلەشكەن.
پرېزىدېنت بۇش سۆزىدە يەنە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلار مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ": ئامېرىكا سوتى ، بەزىبىر مەھبۇسلار ئۈستىدىن چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك، ئەگەر بۇ كىشىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلماي قويۇپ بېرىلسە ، ئۇلار چوقۇم كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش زىيانكەشلىكلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى مۇمكىن" دېدى.
ئاۋىستىرىيە دائىرىلىرى ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىدىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش كېرەكلىكىنى تەشەببۈس قىلغان.
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلار ئىچىدە پەقەت 10 كىشى، ھەربى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرايدىكەن.گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 22 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ 5 ى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇناھسىز سانىلىپ، ئالبانىيىگە تاپشۇرۇلغان ئىدى، بىراق يەنە 17 نەپەر ئۇيغۇر يەنىلا مەزكۈر تۈرمىدە بولۇپ، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئەگەر بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي بېسىمىغا ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرايدىكەن. (ئەقىدە)