ئامېرىكا ئالىي سوتى، گۈەنتانامودىكى مەھبۇسلارنىڭ دېلوسىنى كۆرۈپ چىقىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا ئالىي سوتى جۈمە كۈنى ئۆزى چىقارغان ھۆكۈمنى بىكار قىلىپ، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ دېلوسىنى كۆرۈپ چىقىشنى قۇبۇل قىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى سوتلارغا ئەرىز سۇنۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى قارار قىلدى. قانۇن شۇناسلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ ئۆزى چىقارغان ھۆكۈمىنى قايتۇرۇۋېلىشى نەچچە ئون يىلىدىن بېرى ئامېرىكا قانۇن ساھەسىدە، كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش ئىكەن.

ئالىي سوت 2004‏- يىلى، ئامېرىكا فېدېرال سوتلىرىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ مەسىلسىنى كۆرۈپ چىقىش سالاھىيىتى يۇق دەپ، ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.

مۇتەخەسىسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئالىي سوتنىڭ بۇ قارارى، يېڭى بىر ھوقۇق كۈرىشىنىڭ بىشارىتى ھېسابلىنىدىكەن. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارار پرېزىدېنتى بۇش ھۆكۈمىتى ئىچىدە، خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان گۈەنتانامو تۈرمىسىنى قانداق تاقاش توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى تېخىمۇ تېزلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەرىك ئابلىن ئالىي سوتنىڭ قارارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، "بىز ئالىي سوتنىڭ بۇنداق قارار چىقارغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندۇق. لېكىن بىز ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىنىڭ قانۇنى ئاساسى بارلىقىغا ئىشىنىمز ۋە سوتتا بۇنى ئوتتۇرىغا قويىمىز" دېدى.

لېكىن گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 375 نەپەر مەھبۇسلار نىڭ ئادۋۇكاتلىرى، ئالىي سوتنىڭ تۇيۇقسىز ئالغان قارارىنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئېلىپ، بۇنى قانۇن ساھەسىدىكى بىر غەلىبە دەپ، كۆرسەتتى. (ئۆمەر قانات)