تاجىكىستان ئالىي سوتى جۈمە كۈنى، 2001- يىلى نويابىر ئېيىدا ئافغانىستاندا ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان ۋە بەش يىلدىن كۆپ گۈەنتانامودىكى ھەربىي تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان، مۇھىت ۋاھىدوف ۋە روكنىددىن شاراپوف ئىسىملىك ئىككى تاجىك پۇقراسىنى، چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن دېگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاھىدوف ۋە شاراپوف بۇ يىل مارت ئېيىدا ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاجىكىستان ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا تاجىكىستانغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن تاجىك مەھبۇسلارنىڭ سانى 10 كىشىگە يېتىدىكەن.
سوتچى مۇساممىر ئۇراكوفنىڭ بايان قىلىشىچە، ھەر ئىككىسى 26 ياشتىكى ۋاھىدوف ۋە شاراپوف، 2001- يىلى چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتۈپ ئافغانىستانغا كىرگەن، ئۆزبېكىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىگە ياللانما ئەسكەر بولۇپ، خىزمەت قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن.
ۋاھىدوق ۋە شاراپوفنىڭ ئائىلىلىرى تاجىكىستان ئالىي سوتىنىڭ ھۆكۈمىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. ۋاھىدوف ۋە شاراپوف ئۈستىدىن 7- ئاۋغۇست كۈنى سوت ئېچىلغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)