گۇەنتانامودىكى 3 مەھبۇس ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى

شەنبە كۈنى كەچتە ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 3 نەپەر مەھبۇس ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلىۋالغان. ئۇلارنىڭ ئىككىسى سەئۇدىي ئەرەبىستانلىق بىرى يەمەنلىك ئىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ھازىرچە بۇ 3 مەھبۇسنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلمىغان. لېكىن ئۇلار يۇقىرى نازارەت ئاستىدىكى 1‏- لاگىردا ئايرىم قاماققا سولانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى تېخى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەل-قەئىدە ئەزاسى ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ئۈچىلىسى كىيىم-كېچەك ۋە كۆرپە كىرلىكلىرى بىلەن ئاغامچا ياساپ شۇنىڭغا ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان ھەمدە ئۆلۈشتىن بۇرۇن خەت يېزىپ قالدۇرغان. ئەمما ئامېرىكا ھەربىي دائىلىرى بۇ خەتنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئېلان قىلمىدى. مەھبۇسلارنىڭ ئادۋۇكاتى ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىزلىكتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى بازىسىنىڭ قوماندانى ھەررىي ھاررىس مۇخبىرلارغا بۇ كىشىلەرنىڭ ئىنسان ھاياتىنى قەدىرلىمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، " ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى، بىزگە ماس كەلمىگەن جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولىدۇ" دېدى.

گۇەنتانامو تۈرمىسىدە ھازىر 460 نەپەر مەھبۇس تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھەربىي دائىرلىرى ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى بىن لادىننىڭ ئەل-قەئىدە تەشكىلاتىغا ۋە ئافغانسىتاندىكى تالىبان تەشكىلاتىغا چېتىشلىغى بولغان تېررورچى گۇماندارلىرى دەپ قارايدۇ. (پەرىدە)