ئامېرىكا گۇەنتانامو مەسىلىسىدە جەنۋە كېلىشىمىگە رىئايە قىلىدۇ


2006.07.11

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بارلىق مەھبۇسلارغا جەنۋە كېلىشىمىگە ئاساسەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى تونى سنو، ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ يېقىندا پرېزىدېنت بۇشنىڭ گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلارنى سوتلاش ئۈچۈن قۇرغان ھەربىي سوتى توغرىسىدا چىقارغان قارارى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى بىر سىياسەت بەلگىلىشىگە سەۋەب بولدى، دېدى.

ئامېرىكا ئالىي سوتى يېقىندا، پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن تېررور گۇماندارلىرىنى سوتلاش ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەربىي سوتنى، قانۇنسىز دەپ جاكارلاپ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇنداق سوت قۇرۇش سالاھىيىتى يوق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. ئالىي سوت بۇ توغرىدىكى قارارىدا شۇنداقلا گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلارغا جەنۋە كېلىشىمىنىڭ رامكىسى ئىچىدە مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى دېموكراتىك پارتىيە رەھبەرلىرى، ئالىي سوتنىڭ بۇ قارارىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئالىي سوتنىڭ بۇ قارارى، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسىدە خۇنۈكلىشىشكە باشلىغان ئوبرازىنى قايتىدىن ئاقلىدى دەپ كۆرسەتكەن.

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىر ئوقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلار ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارغا جەنۋە كېلىشىمى بويىچە مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە، گۇەنتانامو ۋە باشقا ئامېرىكا ھەربىي تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنى ئۇرۇش ئەسىرلىرى دەپ ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى. مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يېڭى ئوقتۇرۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلسىدىكى پوزىتىسيىسىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.