كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا بىرلىگىنى گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشقا ئۈندەشكە چاقىردى
2006.07.16
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا خەت يوللاپ، ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشتا ياۋروپا بىرلىگىنىڭ چىڭ تۇرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خېتىدە يەنە، ياۋروپا بىرلىگىنىڭ بۇ ھەقتە يېتەرلىك كۈچ چىقىرالمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. 2001- يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدە ئافغانسىتاندا قولغا ئېلىنغان ۋە تېررورچى دەپ گۇمان قىلىنغان بىر قىسىم كىشىلەر تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم كىشىلەر گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنسىمۇ، يەنىلا داۋاملىق بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
مەزكۇر تەشكىلات، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز مەيدانىدا چىڭراق تۇرۇپ، بۇ گۇناھسىز كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە كۈچىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداق بولغان گۇەنتانامو تۈرمىسىنىڭ تاقىلىشىغىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج W بۇش بۇنىڭدىن ئاۋال گۇەنتانامو تۈرمىسىنىڭ تاقىلىشىغا قوشىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئالدى بىلەن چوقۇم بۇ يەردىكى ئامېرىكىغا تەھدىت كەلتۈرەلەيدىغان تېررورچىلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا گۇەنتانامو مەسىلىسىدە جەنۋە كېلىشىمىگە رىئايە قىلىدۇ
- شۋېتسىيىدە گۇانتانامو تۈرمىسىنىڭ تاقىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
- ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى گۇەنتانامو ھەربىي سوتىنى "قانۇنسىز" دەپ ھۆكۈم چىقاردى
- گۇەنتانامودىن يەنە بىر ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلدى
- پرېزىدېنت بۇش، گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى