ئامېرىكا ئالىملىرى تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشىگە قارشى چىقتى
2005.05.01
تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليەن جەن چوڭ قۇرۇقلۇقنى زىيارەت قىلىپ، كومپارتىيىنىڭ باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تەيۋەن سىياسەتچىلەر قاتلىمىدىلا ئەمەس، ھەتتا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كۈزەتكۈچىلەر ئارىسىدىمۇ سەلبىي ئىنكاسلار قوزغالغان. بىر قىسىم ئامېرىكا سىياسىيونلىرى تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكەن.
"ئۇلۇغ ئېرا" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسوننىڭ نۇتۇقلىرىنى يازغۇچى، كالىفورنىيىدىكى پېپېردىنە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بۇرس ھېرسچېنسون كالىفورنىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلەپ، تەيۋەننىڭ تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، مۇستەبىتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىشنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ئەركىنلىكنى، تىنچلىقنى سۆيگەن كىشى مۇستەبىتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەك دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىككى قىرغاق مەسىلىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قارا نىيىتىنى بىلىۋالغانلىقىنى، تەيۋەن سىياسەت قاتلىمىدىكى ھەر قانداق كىشىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى زىيارەت قىلىپ، كېلىشىم تۈزۈشىنىڭ تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىد ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋ بىلەن گومىنداڭ رەئىسى ليەن جەن " تارىخىي خارەكتىرلىك ئۇچرىشىش" ئېلىپ باردى
- چىن شۈيبيەن " بىر دۆلەت ، ئىككى خىل تۈزۈم" نى رەت قىلدى
- گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليەن جەن خىتاينى زىيارەت قىلدى
- خىتاي تەيۋەن مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەر
- تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ليەن جەن خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىدۇ