ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنتېرنېت تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


2006.02.01

1-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى Tim Ryan نىڭ تەشەببۇسى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنتېرنېت نامىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى توم لەنتوس يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىدا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان قىلمىشلىرىغا شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

بۇ يىغىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش تور بېتى بولغان Google نىڭ خىتايچە نۇسخىسى رەسمىي ئىشقا چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئېچىلغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى Google, Yahoo, Microsoft, Cisco قاتارلىق خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرى بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ۋەكىل ئەۋەتمىگەن.

يىغىندا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىزدەش تورى بولغان Google، Yahoo قاتارلىقلارنىڭ خىتايچە نۇسخىسىدا خىتاي كومپارتىيىسى "خەتەرلىك" دەپ قارىغان "دېموكراتىيە"، "كىشىلىك ھوقۇق" قاتارلىق 1000 دىن ئارتۇق سۆز سۈزۈۋېلىتگەن بولۇپ، بۇ سۆزلەر ئىزدەش ئۈچۈن كىرگۈزۈلگەندە، خىتاي كومپارتىيىسىگە "تەھدىت" بولمىغان مەمۇنلار تېپىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا 30 مىڭدىن ئارتۇق ئىنتېرنېت ساقچىسى مىليونلىغان ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدىكەن.

يىغىندا خىتاي-ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىكنى كۆزىتىش كومىتېتى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى. ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىپ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا قاراپ تۇرماسلىقىنى، شىركەتلەرنىڭ مەزمۇنلارنى سۈزەلەيدىغان يۇمشاق دېتاللارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە سېتىشىگە يول قويماسلىقىنى تەلەپ قىلىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.