خىتاي كومپيۇتېرچىلىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ كومپيۇتېر سېستىمىلىرىغا كىرىپ، بىر قىسىم ماتېرىياللارنى قولغا چۈشۈرگەن.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى بىر قىسىم كومپيۇتېرچىلار بۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىدىن بىر قىسىم ماتېرىياللارنى قولغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلار مەخپىي ماتېرىياللار ئەمەسكەن.
"ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى بىر قىسىم خادىملار، خىتايدىن كەلگەن بۇ خىل ھۇجۇملارنى سۈرۈشتە قىلغاندا، بۇنىڭ 3-4 يىل ئاۋالغا چېتىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا گەرچە بۇلار مەخپىي ماتېرىياللار بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىريەرگە توپلىغاندا، ئۇنىڭدىن پايدىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. شۇنداقلا ئېنىقلاشقا قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىلىرىغا خىتايدىن كېلىدىغان ھۇجۇم، باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا كۆپ ئىكەن. (پەرىدە)