خاماس رەھبىرى خەلقئارانى پەلەستىنگە قىلىۋاتقان ياردەمنى توختاتماسلىققا چاقىردى


2006.01.30

ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىكى 4 تەرەپ ۋەكىللىرى دۈشەنبە كۈنى لوندوندا يىغىن ئېچىۋاتقان مەزگىلدە، خاماس تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبىرى پەلەستىنگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ، خاماسنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققانلىقى سەۋەبىدىن پەلەستىنگە قىلىدىغان ياردەمنى توختىتىپ قويماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

خاماس رەھبىرى ئىسمايىل خانىياھ دۈشەنبە كۈنى غەززىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بۇ چاقىرىقنى قىلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا، رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پروگراممىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان 4 تەرەپنى، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىقتىسادىي ياردەمنى داۋاملىق بېرىشكە چاقىردى.

ئىسمايىل خانىياھ سۆزىدە يەنە، ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ پەلەستىننىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق بولۇدىغانلىقىنى، ئۇنداق بولمىغاندا، پەلەستىن ھۆكۈمىتىدىكى 140 مىڭدىن ئوشۇق مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ مائاشىنى بېرىشمۇ تەسكە چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس لوندوندىكى يىغىنغا مېڭىشتىن بۇرۇن، ئەگەر خاماس رەھبەرلىكىدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتى زوراۋانلىق قىلىشنى توختاتمىسا ھەمدە ئىسرائىلىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلمىسا، ئامېرىكىنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خاماس رەھبىرى ئىسمايىل خانىياھ " بىز خاماسلار بۇ مەسىلىدە سۆھبەتلىشىشكە تەييارمىز ھەمدە ياردەم پۇللىرىنىڭ سىلەرنىڭ نازارەت قىلىشىڭلار ئاستىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىمىز" دېدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.