خاماس غەرب ئەللىرىنىڭ ئىسرائىلىيىنى يوقىتىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىش تەلىپىنى رەت قىلدى


2006.01.31
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۆتكەن ھەپتىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان پەلەستىن رادىكال ئىسلام ھەرىكىتى خاماس سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىن ئاپتونومىيىسىنىڭ سىياسى ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيىگە قارشى " تىركىشىش" ئىستراتېگىيىسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ب د ت قاتارلىق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خاماسنى زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشكە، ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان. ئەگەر بۇ شەرتلەرگە كۆنمىسە، پەلەستىنگە بېرىلىدىغان ياردەمنى توختىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. پەلەستىنگە بېرىلىدىغان ياردەمنىڭ ئاساسى قىسىمىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلار ئۈستىگە ئالغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى 2005 - يىلى پەلەستىنگە 600 مىليون دوللار، ئامېرىكا 400 مىليون دوللار ياردەم قىلدى. بىراق خاماس ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئىسمايىل خانىيە، بۇ تەكلىپنى " ئادالەتلىك شەرتلەر ئەمەس"، دەپ ئاتىدى. ئۇ، " ئادالەتسىز شەرتلەر" پەلەستىن خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، تېلئاۋىف پەلەستىن دائىرىلىرىگە بېرىدىغان باج كىرىمىنى توڭلىتىپ قويۇشنى ئويلاشماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئولتۇماتۇمى خاماس ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن. خاماس ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى خالىد مېشال، ئەنگىلىيە " كۆزەتكۈچىلەر " گېزىتىگە يازغان ماقالىسىدە " خاماسنىڭ پارا بېرىش، ئالداش ۋە ھەيۋە قىلىشقا قارشى تۇرۇش كۈچى بار " دەيدۇ. ئەمما ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيىلەر بىلەن بىرگە ئېلان قىلغان تۆت تەرەپ باياناتىدا، " كېلەچەكتىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى، ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە يول خەرىتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلگىرىكى كېلىشىم ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلشى كېرەك " دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.