رۇسىيە دائىرىلىرى خاماسنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلدى


2006.02.09

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، يېقىندا پەلەستىندە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامىنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان خاماس ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلدى. پۇتىن رۇسىيىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەكسىچە، خاماس ھەرىكىتىنى ئىسرائىلىيىگە قارشىﮌ ئونلىغان ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئېلىپ بارغان بىر تېررورلۇق تەشكىلات دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدرۈدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خاماس ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى پرېزىدېنت پۇتىننىڭ تەكلىپىنى دەرھال قوبۇل قىلغان.

ئىسپانىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، ئىسپانىيە باش مىنستىرى زاپاتىرو بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يېغىنىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، خاماس ھەرىكىتى دېموكراتىك ۋە قانۇنلۇق بىر سايلام نەتىجىسىدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلدى. بىز پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك، دېگەن.

خاماس ھەرىكىتى 25‏- يانۋار كۈنى پەلەستىندە ئېلىپ بېرىلغان پارلامىنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ھەيران قالدۇرغان. خاماس ھەرىكىتىنىڭ نىزامنامىسىدا، ھەرىكەتنىڭ مەقسىدى ئىسرائىلىيىنى يوقىتىش دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرى ئۇزۇندىن بېرى خاماس ھەرىكىتىگە نىزامنامىسىدىن مەزكۇر ئىبارىنى چىقىرۋىتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خاماس ھازىرغىچە بۇ تەلەپلەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ ئارىدا، فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى پرېزىدېنت پۇتىننىڭ خاماس رەھبەرلىرىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلىش مەقسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشكە چاقىرغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.