بۇش، دۆلەتلەرنى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ رەسىمى سەۋەبىدىن چىققان قارشىلىقلارنى توساشقا چاقىردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج W بۇش چارشەنبە كۈنى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى، كىشىلەرنىڭ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەجىۋىي رەسىمىگە قارشى ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توسۇشقا چاقىردى. بۇ، بۇشنىڭ مەزكۇر رەسىم ۋەقەسى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئوچۇق بايانات بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇش سۆزىدە يەنە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى گۇناھسىز دىپلوماتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا چاقىردى. ئۇ، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ياقلاش بىلەن بىرگە، " ئاخبارات ئەركىنلىكىمۇ بولۇش كېرەك ھەمدە مەسئۇلىيەتمۇ بولۇشى كېرەك" دېدى. بۇش بۇ سۆزلىرىنى ئىئوردانىيە پادىشاھى ئاق سارايغا زىيارەتكە كەلگەن مەزگىلدە قىلغان.

بۇنىڭ ئالدىدا 3 چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلات بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە ئىسلام دۆلەتلىرى تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان. باياناتتا، "گەرچە بۇ رەسىم كىشىنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرسىمۇ، لېكىن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زوراۋانلىق يولى بىلەن ئاچچىقىنى چىقىرىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ" دەپ يېزىلغان.

مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەجىۋىي رەسىمى ئۆتكەن يىلى 9‏- ئايدا دەسلەپ دانىيىنىڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كېيىن بۇ ياۋروپادىكى بەزى گېزىتلەردىمۇ قايتا بېسىلغان. شۇ سەۋەبتىن لىۋان، ئىران ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نارازى بولغان مۇسۇلمانلار دانىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بىناسىنى ۋەيران قىلغان.ھەتتا شۇ سەۋەبتىن ئافغانىستاندا كۆتۈرۈلگەن قالايمىقانچىلىقتا 4 كىشى قازا قىلىپ 20 نەچچە كىشى يارىلانغان.(پەرىدە)