رۇسىيە يېقىندا يېڭى ھاۋا بومبىسى سىناق قىلغان
2007.09.12
رۇسىيە يېقىندا بىر خىل ھاۋا بومبىسى سىناق قىلغان. ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، رۇسىيە تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا رۇسىيىنىڭ 'تۇ' بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايرۇپىلانى ھاۋادا پارتلايدىغان بىر خىل بومبا تاشلاشنى سىناق قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيىدە سىناق قىلىنغان بۇ خىل ھاۋا بومبىسى بىرىنچى قېتىم پارتلىغاندا ھاۋادا بۇلۇت پەيدا قىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇخىل بۇلۇت يانغىنىغا ئايلىنىپ، كۆزلەنگەن نىشاننى پاچاقلايدىكەن.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل بومبىنى رۇسىيە بۇرۇن ئافغانىستاندا ۋە چېچىنىيىدە ئىشلەتكەن. ھازىر سىناق قىلغىنى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا ئىراققا ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا ئېلىپ بارغان پسىخولوگىيىلىك ھۇجۇم سىنىقىدا قوللانغان MOAB بەلگىلىك ھاۋا بومبىسىدىن 4 ھەسسە كۈچلۈك بولۇپ، بۇنداق بىر بومبا تۆت قەۋەتلىك چوڭ بىنانى بىراقلا تۈزلىۋىتەلەيدىكەن.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇمۇ رۇسىيىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پىسخىلوگىيىلىك ئۇرۇش 'خىتابنامىسى' بولسا كېرەك. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە موسكۋانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرماقچى
- خىتاينىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جايلاشقان مېھمانخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
- ئىراقتا 11 نەپەر ئامېرىكا ھەربىي خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى
- پرېزىدېنت بۇش :رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس
- شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا سىنىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا
- ئامېرىكا مەتبۇئاتى، خىتاينىڭ ئىرانغا باشقۇرىلىدىغان بومبا تېخنىكىسى ئىكىسپورت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى