سەئۇدى ئەرەبىستانغا توپلانغان ئىككى مىليون ھاجى نامزاتى ھەج ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئالدىدا تۇرىدۇ

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەج ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرى ۋە ئەتراپىغا توپلانغان ئىككى مىليونغا يېقىن ھاجى نامزاتى، سەيشەنبە كۈنى باشلايدىغان ھەج ئىبادىتىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە.

ھاجى نامزاتلىرى تۆت ھەپتىدىن بىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىگە كېلىپ، ئىبادىتىنى باشلىغان ئىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بىرى ئەل-قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان سەئۇدى ھۆكۈمىتى ھەج پائالىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىرلەر ئالغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاجى نامزاتلىرى ھەج ئىبادىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ھېسابلانغان ئەراپات تېغىغا چىقىپ، بۇ يەردىكى ئىبادىتىنى تۈگىتىپ، قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى بولغان پەيشەنبە كۈنى مەككىگە قايتىپ كېلىدىكەن. ھاجى نامزاتلىرى قۇربانلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن ھاجى بولۇپ، قۇربان ھېيتىنى قۇتلايدىكەن ھەمدە جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى مىناغا چىقىپ، شەيتانغا تاش ئېتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاجى نامزاتلىرىنىڭ قۇربانلىق ئىھتىياچلىرىنى قامداش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى سودىگەرلەر سۇدان ۋە ئۇرۇگۋايدىن بىر مىليوندىن ئارتۇق قوي ئىمپورت قىلغان. (قانات)