بۇ يىل ئەرەبىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ھەج پائالىيىتى داۋامىدا 345 مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلدى.
رويېترىس ئاگېنتلىقىنىڭ 12 - يانۋار بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئىسلام دىنىنىڭ 5 مۇھىم پەرزىدىن بىرى ھېسابلانغان ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 2 مىليوندىن ئاشىدىكەن.
ھەر يىلى، ھەج پائالىيىتى جەريانىدا داۋاملىق يۈز بېرىدىدىغان ئۆلۈم ۋەقەلىرى بۇ يىلمۇ كۆرۈلدىﮌ. ھەج پائالىيىتىنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن شەيتانغا تاش ئېتىش پائالىيىتى جەريانىدا چىققان قالايمىقانچىلىقتا 345 ئادەم قازا قىلدى.
گەرچە ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەج شارائىتىنى ياخشىلىغان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا ئۆلۈم ھادسىلىرى مەيدانغا كەلمەكتە.
ئىستانسىمىزنىڭ سەئۇدى - ئەرەبىستاندىن بىۋاستە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقەدە ئۇيغۇر ھاجىلىرى ھېچقانداق خەتەرگە ئۇچرىمىغان. (ئەقىدە)