ھەج تاۋاپىنىڭ ئاخىرقى كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى مىنا تېغىدا شەيتانغا تاش ئېتىش جەريانىدا ئۆلگەن ھاجىلارنىڭ سانى 362 گە يەتتى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق جىددە كونسۇلخانىسىدىن ئالغان مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىنادا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقتا ئۆلگەن ھاجىلار ئىچىدە 4 نەپەر خىتاي پۇقراسى بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەج ئۆمىكىدىكى 2 نەپەر خىتاي پۇقراسى ھازىرغىچە ئۆمەككە قايتىپ كەلمىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ بار - يوقلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
12- يانۋار كۈنى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىۋاتقان ھاجىلار مىنا تېغىدا شەيتانغا تاش ئېتىۋاتقاندا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىپ، ھادىسىدە 345 ھاجى ئۆلگەن ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان سەھىيە مىنىستىرى خاماد ئەل-مانېي، جۈمە كۈنى ئۆلگەن ھاجىلارنىڭ 362 گە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان يارىدارلار 289 نەپەر ئىكەن.
بۇ ھادىسە بۇ يىلقى ھەج مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بىردىن بىر ۋەقە ئەمەس. بۇنىڭ ئالدىدا 5- يانۋار كۈنى كەبىنىڭ بىر قانچە يۈز مېتىر نېرىسىدىكى 7 قەۋەتلىك بىر مىھمانخانا ئۆرۈلۈپ كېتىپ 70 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. مەزكۇر بىنانى مەككىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن قەشقەرلىك تۇرسۇن ھاجىم قۇمبۇسنىڭ ئوغلى سالىخ تۈركىستانى ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئىكەن. ۋەقەدە سالىخ تۇركىستانىنىڭ 20 ياشلاردىكى بىر ئوغلى ئۆلگەن. (ئەركىن)