كولىن پوۋېل لى جاۋشىڭ بىلەن شىمالىي كورىيە ۋە ئىران مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى


2004.11.05

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ جۈمە كۈنى تېلېفوندا سۆزلىشىپ، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پىلانى بىلەن ئىران مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. لى جاۋشىڭ شەنبە كۈنى تېھراننى زىيارەت قىلىدۇ. خىتاي بىلەن ئىراننىڭ نېفىت ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ۋە ئىران يادرو قوراللار پىلانى لى جاۋشىڭنىڭ تېھراندىكى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى ئىگىلەيدۇ.

كولىن پوۋېلل لى جاۋشىڭ بىلەن ئىراننىڭ يادرو قوراللار پىلانىنى خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنىنىڭ رامكىسى دائىرىسىدە قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغان. خىتاي ئىرانغا نازۇك ھەربىي تېخنىكىلارغا سېتىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئىراننىڭ نېفىت - ئېنىرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور. خىتاي بىلەن ئىران يېقىندا 20 مىليارد دوللارلىق ئېنىرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەن.

ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ئايرىش پىلانى ئامېرىكىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىماقتا. ئامېرىكا ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ئايرىش پىلانى، يادرو قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى لى جاۋشىڭ بىلەن كولىن پوۋېلنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كولىن پوۋېل 10 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكا - خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ئىسسىق لىنىيە تېلېفونى ئورنىتىشقا قوشۇلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.