رۇسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى " تېررورچىلىققا قارشى" ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكچى


2005.06.02

رۇسىيىنىڭ ۋىلادىۋاستوك شەھىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان رۇسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى "تېررورچىلىققا قارشى" ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرى لى جاۋشىڭ ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلا رمىنىستىرى ناتۋار سىڭ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، " بىز خەلقئارا تېررورچىلىق، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق يېڭى رىقابەتلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىشكە قوشۇلدۇق" دېدى.

رۇسىيە ۋە خىتاي تېررىتورىيىسىدە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان چېچەن ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى خەلقئاراغا " تېررورچىلار" دەپ كۆرسەتمەكتە.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يەنە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى، شىمالىي كورىيە يادرو كرىزىسى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنى كېڭەيتىش ئىسلاھاتى قاتارلىق رايوننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئېنېرگىيە مەسىلىسىمۇ ئۇلارنىڭ مۇھىم سۆھبەت تېمىلىرىنىڭ بىرى بولغان.

بۇ، ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تۈنجى قېتىم مەخسۇس ئۇچرىشىشى بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرالايدىغان بىر كۈچنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان دەپ قارىماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىككى دۆلەت چېگرا تولۇقلىما كېلىشىمىگە قول قويغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى لى جاۋشىڭ بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.