ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي خىتاي رەھبەرلىرىنى جۇڭگونىڭ يەر شارى ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىيىسىدىكى كۈچىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ گەۋدىلەندۈرۈشكە چاقىردى.
كارزاي سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، " سىلەر مەسئۇلىيىتىڭلار بارلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىڭلار كېرەك.......... سىلەر كېلەچەكنىڭ رەھبەرلىرى بولغاندا خىتاي ئالدىدىلا ئەمەس، بۇ رايوندا ۋە پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا مەسئۇلىيىتىڭلار بارلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىڭلار لازىم"دەيدۇ.
كارزاي نۇتۇقىدا ،خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن دائىم تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچىلەر، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى دىنىي زاتلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ " ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىگە تېخىمۇ جىددىي مۇئامىلە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يۈكلىمەكتە " دەپ كۆرسەتتى.
كارزاي يەكشەنبە كۈندىن بېرى خىتاينى 4 كۈنلۈك زىيارەت قىلماقتا. ئۇ دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئاساسلىقى ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى مەزمۇن قىلغان 11 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىغان ۋە بۇ كېلىشىملەر تېررورچىلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كارزاي بېيجىڭدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا توختاپ ئۆتىدۇ. بۇ خەۋەر يېزىلىۋاتقان چاغدا ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. (ئەركىن)
