شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى


2006-09-29
Share

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلدارلىرى جۈمە كۈنى بېيجىڭدا توپلىنىپ، ئاتالمىش تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان 12 تۈرلۈك ھۆججەتكە ئىمزا قويغان. تەرەپلەر بۇ ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى چاقىرغان. يىغىندا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ يۇڭكاڭ "تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىكنى ئاساس قىلغان ‘ئۈچ خىل كۈچلەر’، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار " دەيدۇ. ئۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنى تېررورچىلىققا قارشى تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى دىنىي زاتلارنى، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى "ئۈچ خىل كۈچلەر" دەپ باستۇرسىمۇ، لېكىن خىتاي تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا، دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، خىتاينى سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى دىنىي زاتلارنى تېررورچىلار بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويماقتا، دەپ ئەيىبلىدى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت