سابىق شېنياڭ ئەدىلىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خەن گۇاڭشېڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى ئەيىبلىدى


2005.08.07

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، كانادادا سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان، خىتاينىڭ شېنياڭ شەھىرى ئەدىلىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى خەن گۇاڭشېڭ، شەنبە كۈنى تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا ئوتتۇرىغا چىقىپ ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

خەن گۇاڭشېڭ، خىتايدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتىدا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 15 ياشلىق بىر قىز فالوڭگوڭ مۇرىتىنى ، فالوڭگوڭ مەشىق قىلىشتىن ۋاز كەچتۈرەلمەي، توك كالتەك بىلەن قاتتىق ئۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى ھەققىدە ئىسپات بېرىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىككى قولى خەلقنىڭ قېنى بىلەن بويالغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە جاسۇسلارنى ناھايىتى كۆپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيىگە قېچىپ چىققان خىتاي كوممۇنىست خادىملىرىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا ئوچۇق - ئاشكارا مەيدانغا چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن خەن گۇاڭشېڭ، 2001 - يىلى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە كاناداغا كەلگەن ۋە تورونتودىكى خىتاي بازىرىدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە كانادا ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۇنى، كانادادا قېلىش ئۈچۈن يالغان سۆزلىدى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

كانادا ھۆكۈمىتى، خەن گۇاڭشېڭنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ كانادا ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.