ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانى خىتايدا زىيارەتتە بولدى


2008.01.14

دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانى خىتايدا زىيارەتتە بولدى ۋە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

بۇ قېتىملىق زىيارەت كىتىڭ ئەپەندىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ خوڭكوڭدا توختاپ ئۆتۈش تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كىيىن تۇنجى قېتىم خىتايغا زىيارەتكە كېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەرلەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى ئادم تىموتى كىتىڭ خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن ئۇچرىشىپ يېپىق ھالەتتە سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ياڭ جيېچى ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇنىڭ خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققي قىلىشىدىكى نېگىزلىك تەرەپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

11- ئايدا، ئامېرىكىنىڭ بۈركۈت باچكىسى ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنىڭ خوڭكوڭدا توختاپ ئۆتۈش تەلىپى رەت قىلىنغان بولۇپ ، شۇ ھەپتىدە خىتاي يەنە ، ئامېرىكىنىڭ جەمئىي ئىككى ھەربىي پاراخوتىنىڭ خوڭكوڭدا توختاپ ئۆتۈشىنى رەت قىلىپ قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى.

كىتىڭ يەنە ، خىتاي مەركىزىي ھەربىي قوماندانلىق شتابنىڭ شتاپ باشلىقى چېن بىڭدﯤ ۋە خىتاي مەركىزىي ھەربي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشىڭلار بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.

جۇڭگۇ گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، كىتىڭ بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر، خىتاي-ئامېرىكا ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەيۋەن، خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.