ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتس، خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كەڭ - كۆلەمدە كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭدا خىتاينى نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشكە چاقىردى. گېيتس، سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىش مەقسىتىدە سىنگاپورغا كېتىۋېتىپ، " شۈبھىسىزكى خىتاي ھەربىي كۈچىنى كەڭ - كۆلەمدە كېڭەيتمەكتە. بىزنىڭ دىققەت قىلىۋاتقىنىمىز ئۇلارنىڭ نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى بولىۋاتقانلىقىدۇر،" دىدى.
گېيتس يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ 25 - مايدا ئېلان قىلغان "خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ئەھۋالى" ھەققىدىكى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاي ھەربىي سېلىنمىسىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارە بولۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلىدى. ئۇ،"پۈتۈن كىشىلەر خىتاي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا بىر مەركىزى تېمىنى تەكىتلىمەكتە. ئۇ بولسىمۇ ئوچۇق - ئاشكارىلىق مەسىلىسىدۇر،" دەيدۇ. گېيتسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ "ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر.
ئۇلارنىڭ بۇ ھەربىي كۈچ بىلەن نېمىلەرنى قىلماقچى ياكى نېمىلەرنى قىلماقچى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئاچقۇچلۇق مەسىلە." ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا "خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى" ھەققىدىكى دوكلاتتا، خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيا رايونىدا ئامېرىكىغا قارشى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى قۇرماقچى بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي، شەنبە كۈنى باشلىنىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى بىخەتەرلىك يىغىنىغا خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى جاڭ چىشىڭ باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى يوللىدى.(ئەركىن)